|
|
|
|
باشبەت قىلىڭ |
|
|
قوشۇۋېلىڭ |
|
|
|
|
|
|
|
تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە 2009-يىللىق ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئېچىلدى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 2009-يىلى ئۇقۇش پۈتتۈردىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى ئالىمجان ئەيسا، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىغى گۇلجاھان ھەسەن ۋە ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلاردىن بۇلۇپ 400دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى . مۇراسىم باشلىنىش ئالدىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېقىنقى 5يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپىيەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن سىن ئالغۇ لىنتىسى كۆرسۈتۈلگەندىن كېيىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى مۇزىكا ساداسى ئىچىدە مۇراسىم باشلىنىپ، ھەر قايسى سىنىپ ئۇقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا يۇقۇرى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئانا مەكتىپىگە شان - شەرەپ كەلتۈرۈش ھەققىدىكى سىنىپ قەسىمىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتتى. مەكتەپ مۇدىرى يولداش قۇرباننىياز رۇزى، ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئۇقۇغۇچىلار بىلەن خوشلۇشۇش سۆزى « ئۇقۇش پۈتتۈرۈش سۆزى»نى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك ئۇقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى ۋە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىش سالاھىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ ئۆتتى. مۇراسىمدا ئۇقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، ناھىيىلىك پارتىكوم ، خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە ئالاھىدە ياخشى بولغان ئۇقۇش پۇرسىتى يارتىىپ بەرگەنلىكىگە ، ئۆزلىرىگە يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ بىلىم بەرگەن ، ئۆزلىرى ئۈچۈن رىيازەت چەككەن ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلىرىغا ئالاھىدە رەخمىتىنى بۈلدۈرۈپ ئۆتكەندە، چەكسىز ھاياجانلانغان ئۇقۇتقۇچى،ئۇقۇغۇچىلار كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىشتى. ئۇقۇغۇچىلار تەشەككۈرنىڭ سىمىۋولى سۈپۈتىدە رەھبەرلەرگە ۋە ئۆزلىرىگە يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان ئۇقۇتقۇچى، جاپاكەش ئۇستازلىرىغا بىر دەستىدىن گۈل تەقدىم قىلىپ، ئۆز تەشەككۇرىنى بۈلدۈرۈپ ئۆتكەندە يىغىن گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە يۇقۇرى دولقۇنغا كۈتۈرۈلۈپ ، كىشىنى تەسىرلەندۈرۈدىغان ئاجايىپ تەسىرلىك مەنزىرە شەكىللەندى. ئارقىدىنلا ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ سىنىپ قەسىمىنى ۋە سىنىپ ئالبۇمىنى يالدامە سۈپۈتىدە ئانا مەكتىپىگە تەقدىم قىلدى. ئاخىردا ناھىيىلىك پاتىكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى ناھىيىلىك مائارىپقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسىنىڭ باشلىغى ئالىمجان ئەيسا سۆز قىلىپ، ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلاردىن ھال سۇرايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئىھتىرام بۈلدۈرۈدىغانلىقىنى بۈلدۈرۈپ ، ناھىيىمىزنىڭ ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ھىساپلانغان كېرىيە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەىپىنىڭ ئۇقۇتۇش سۈپۈتى ۋە خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئۇقۇش پۈتتۈردىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا يۇقۇرى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئۇڭۇشلۇق كىرىپ ئۇقشىغا تىلەكداشلىق بۈلدۈرۈدىغانلىقنى بۈلدۈرۈپ ئۆتتى، ھەم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم ئىمتىھان بىرىش ئۈچۈن يول كىراسى ۋە ياتاق ھەققى ئۈچۈن ناھىيىلىك پاتىكوم نامىدىن 20مىڭ يۈەن نەخ پۇل ئاجرىتىپ بەردى. مۇراسىم ئاخىردا ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان «مۇئەللىم» ناخشىسىنى كوللىكتىپ ئۇرۇنلاپ ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلىرىغا ئالىي ئىھتىرامىنى بۈلدۈرۈپ ئۆتتى. |
![]() |
![]() |
|
![]() |
|
![]() |