باشبەت قىلىڭ

  قوشۇۋېلىڭ

 

 

مەرىپەت كۆكىدە چاقنىغان يۇلتۇز _ كېرىيە ناھىيىلىك تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ

كېرىيە ناھىيىلىك تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپى 1984-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ، 108 نەپەر ئۇقۇتقۇچى ،ئىشچى -خىزمەتچى ،26سىنىپ، 1200 دىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچى بار .  مەكتەپنىڭ تەشكىلى ئاپراتلىرى مۇكەممەل بۇلۇپ ، ئەخلاقى تەربىيە بۈلۈم ،ئىلمى بۈلۈم ،مەكتەپ ئىشخانىسى ،خۇجۇلۇق بۈلۈم، ئىتتىپاق كومىتېتى قاتالىق تەشكىلى ئاپراتلارتەسىس قىلىنغان . مەكتەپنىڭ ئومومى كۈلىمى29922.75كۇۋادىرات مىتىر ،بۇنىڭ ئىچىدە قۇرلۇش كۈلەم 4128كۇۋادىرات مىتىر ،كۈكەرتىلگەن كۈلەم 7477كۇۋادىرات     مىتىر  بۇلۇپ ئۇمۇمى كۈلەمنىڭ %  32.47 نى ئىگەللەيدۇ.

مەكتىپىمىز ناھىيىلىك پارتىكوم ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ  رەھبەرلىكى ۋە ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىشى ئارقىسىدا ‹‹ مەكتەپ ئىچىگە نىسپەتەن ،مەكتەپ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش ،مەكتەپ سىرتىغا نىسپەتەن، ياخشى ئوبراز تىكلەش ››دىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش پىكىر يۇلىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ،مەكتىپىمىزنىڭ خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ،ئىدىيە- ئەخلاق تەربىيە خىزمتىنىڭ مەكتەپ خىزمىتىدىكى جان -تۇمۇلۇق فۇنكىسيىسىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ،‹‹ئۇقۇتۇش سۈپىتى مەكتەپنىڭ جېنى ،بارلىقىمىز ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن ››  نى مەكتىپىمىز ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ شۇئارى قىلىپ،شان-شەرەپنى قەدىرلەپ ، يېڭىلىق يارتىپ ،3يىلىدىن 5 يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ،ۋىلايەت ئىچىدە يۇقۇرى باشقۇرۇش سەۋىيىگە، داڭلىق ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنىغا ،يۇقۇرى ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە ،ياخشى تەربىلەش نوقتىسىغا ئىگە مۇھىتى گۈزەل، مەدەنىيەتلىك ،ئىناق بولغان داڭلىق مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى بويلاپ،مەكتەپنىڭ ئىدىيە -ئەخلاق ۋە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش    خىزمەتلىرىدە زورنەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

1)مەكتىپىمىز دۆلەت  مائارىپ مىنىستىرلىكى، كادىرلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن‹‹ پۈتۈن مائارىپ سىستىمىسى بۇيىچە ئىلغار كوللىكتىپ ››دىگەن شەرەپكە ئىرىشتى.

2) مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاقتا لاياقەتلىك بۇلۇش نىسپىتى  % 99 گە يەتتى.

3)مەكتىپىمىزدىكى ئۇقۇتقۇچى ،ئىشچى خىزمەتچى ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ،جىنايەت سادىر قىلىش نىسپىتى %0 دە تىزگىنلەندى.

4) مەكتىپىمىزدىكى ئۇقۇتقۇچى ،ئىشچى -خىزمەتچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش نىسپىتى %0 دە تىزگىنلەندى.

5) بىخەتەرلىك تەشۋىقات تەربىيىسىنى كۇچايتىپ ،تۈرلۈك بىخەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ يۈز بىرىش نىسپىتى 0% دە تىزگىنلەپ ،مەكتىپىمىزنىڭ ‹‹ بىخەتەر مەدەنىي ئۇرۇن ›› دىگەن نامىنى داۋاملىق ساقلاندى.

6)دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ،سىنىپ يىغىنى تۈزىمى ۋە ھەر خىل شەكىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ  ،ئۇقۇتقۇچى ،ئىشچى -خىزمەتچى ۋە ئۇقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ،كوللىكتىۋىزىملىق ئەنئەنە ،مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئاتىزىم تەربىيىسى% 100 گە يەتتى .

7)مەكتىپىىزنىڭ دىجورنىلىك تۈزىمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلام ،تىنىچ ،پاكىز بولغان مەكتەپ مەدىنيىتى بەرپا قىلىندى. .

8).مەكتىپىمىزنىڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك ‹‹ مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىدىكى ئىلغار ئۇرۇن ›› دىگەن نامىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ ،مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىدىكى ئىلغار كوللىكىتپ ،ئىلغار شەخىسلەر كوپلەپ يىتىشتۈرۈلدى.

9)مەكتىپىمىزنىڭ ‹‹ ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئەخلاقى تەربىيىدە ئۆلچەمگە ياتكەن مەكتەپ ›› دىگەن نەتىجىسى تېخمۇ مۇستەھكەملەندى.

10).مەكتىپىمىز 2004،2005،2006،2007،2008،-يىللىرى ئۇدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىدە ۋىلايەت بۇيىچە ئالدىدا بولدۇق.

11).مەكتىپىمىزنىڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك ‹‹ مەدەنىي ئۇرۇن ›› دىگەن نامىنى دۋاملىق مۇستەھكەملەپ ،ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ‹‹ مەدەنىي ئۇرۇن››  بۇلۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىۋاتىمىز.

2008-11-14 

خەنزۇچىسى